كۆڭۇل ئارامى پىسخىكىدىن مەسلىھەت بىىرش ئورنىدىكى خادىملار
راشىدىن مۇئەللىم:
2002-يىلى خىزمەتكە قاتناشقاندىن تارتىپ بېيجىڭ سەن يى رۇيجى خەلقارا ئىگىلىك تىكلەش تەربىيلەش مەركىزى ۋە شىنجىن دۇڭجى خەلقارا ئىگىلىك باشقۇرۇش تەربىيلەش مەركەزلىرىدە ، ئىگىلىك تىكلەش ، باشقۇرۇش ،كارخانا پىلانلاش مەسلىھەت بىرىش تەربىيىسىنى ۋە (باشقىلارغا كۆيۇنۇش ) تىمىسىدىكى پىسخىكىلىق تەربىيىسىنى قوبۇل قىلغان . 2005-يىلى تىيەنجىن پىسخىكىلىق مەسلىھەت بىرىش ئورنىنىڭ (ئۆزىنى تونۇش )پىسخىكىلىق يىتەكلەش تەربىيىسىگە قاتنىشىپ، قايتىپ كەلگەندىن كىيىن ئۇرۇمچىدىكى ھەر قايسى كارخانىلاردا پىسخىكىلىق يىتەكلەش پائالىيەتلىرىنى ئىلىپ بارغان . ئىگىلىك تىكلەش ، كارخانا باشقۇرۇش مەسلىھەت ئىشلىرىدا ئەمىلىي تەجرىبىگە ئىگە.
يۇز تۇرانە مەسلىھەت بىىرىش ئىشىخانىسى:
ئۇرۇمچى شەھىرى جەنۇبى شىنخۇا يولى تەيشى ئولتۇراق رايۇنى 6-بىنا 1-ئىشىك 1102-ئىشخانا
ئالاقىلىشىش تېلغۇن نومۇرى :
1259018177 مۇتەخەسسلەر لىنىيەسىنىڭ1 – كونۇپكىسىنى بىسىڭ
ئاسىيە مۇئەللىم :
دولەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى
2004-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىسخىكىلىق مەسلىھەت بىرىش مەركىزىدە پىسخىكىلىق مەسلىھەت بىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىپ كىلىۋاتىدۇ. خىزمەت جەريانىدا كۆپ قىتىم ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئالىي ، ئوتتۇرا تېخنىكوم مەكتەپلىرىدە ،ئىدارە جەمىيەتلەردە پىسخىكىلىق يىتەكلەش ۋە تەربىيلەش خىزەمەتلىرىدە بولغان ئەمىلىي خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە قابىل ئۇستاز .
يۇز تۇرانە مەسلىھەت بىىرش ئىشىخانىسى :
شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىتى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى پىسخىكىلىق مەسلىھەت بىىرش مەركىزى ،(ئۇچتاش «سەندۇڭبى »دىكى) شىنجاڭ ئۇنۋىرسىتىت قورۇسى ئىچى پائالىيەت كىلوبىنىڭ كەينى تەرىپىدە
ئالاقىلىشىش تېلغۇن نومۇرى :
1259018177 مۇتەخەسسلەر لىنىيەسىنىڭ2 – كونۇپكىسىنى بىسىڭ
زۇلفىيە مۇئەللىم :
دولەتلىك 3-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى
2004-يىلدىن باشلاپ شىنجاڭ تېلگىراف ئىدارىسى يولغا قويغان تېلغۇن ئارقىلىق پىسخىكىدىن مەسلىھەت بىرىش ئورنىدا پىسخىكىدىن مەسلىھەت بىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.2006-يىلى شىنجاڭ مائارىپ ئىنىستوتىدا پىسخىدىن مەسلىھەت بىرىش كەسپى بويىچە بىلىم ئاشۇرغان . بىر قانچە يىللىق ئەمىلىي خىزمەت جەريانىدا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن ،نىكاھ ، ئائىلە ، مۇھەببەت ۋە تۇرمۇش قاتارلىق مەسلىلىرى ئۇستىدە ئاممىغا مەسلىھەت بىرىش خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان . كەڭ ئاممىنىڭ پىسخىكىلىق مەسلىھەتكە بولغان تەلىۋىنىڭ كۈچلۇكلىكىنى،كەسپى تەربىيە كۆرگەن ۋە مول خىزمەت تەجرىبىسىگە ئىگە مەسلىھەت بەرگۇچىلەرگە ئىھتىياجلىق ئىكەنلىكىنى كۆزدە توتۇپ، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئاممىغا قۇلايلىق يارىتىپ بىرىش مەقسىتىدە 2007-يىلى 6-ئايدا (كۆڭۇل ئارامى پىسخىكىدىن مەسلىھەت بىرىش ئورنى)نىڭ قۇرۇلىشىغا ئاساس سالغان.
يۇز تۇرانە مەسلىھەت بىىرش ئىشىخانىسى ؛
ئۇرۇمچى شەھىرى نەنچاڭ يولى فۇشىڭ ئولتۇراق رايۇنى6-بىنا 3-ئىشىك 102- ئىشخانا
ئالاقىلىشىش تېلغۇن نومۇرى :
1259018177 مۇتەخەسسلەر لىنىيەسىنىڭ3 – كونۇپكىسىنى بىسىڭ |