باش بەت كۈندىلىك خەۋەرلەر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ئەدەبىي ئەسەرلەر تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى پىسخىكا سىناقلىرى تائام مەدىنيىتى ئاياللار دۇنياسى يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇرى
ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ئەسەر
ئەڭ يېڭى تەۋىتسىلىك ئەسەر
بۇ ئەسەردىن بەھرى ئېلىڭ
ئاسان ئاچچىقلىنىدىغان ئاياللار
ۋاقىت:2010يىل04ئاينىڭ20كۈنى   مەنبە:未知  كۆرۈلىشى:709قېتىم   تەھرىرلىگۈچى:未知

فىنلاندىيە ۋە ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر 400 ئايالنى 15 يىل خز قوغلاپ تەكشۈرگەندىن كېيىن مۇنداق دېيىشتى : پىسخىق ئامىل بىلەن مېتابولىزم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى ئارىسىدا زىچ مۇناسىۋەت بولىدىكەن . تەتقىقات نەتىجىسىدىن ئايانكى ، كۈچلۈك بېسىم ، ئاسان ئاچچىقلاش ۋە ھاڭۋاقتىلىق كېسىلىگە گىرىپتار بولغان ئاياللار ئاسانلا ئۇنىۋېرسال مېتابولىزم كېسەللىكىگە گىرىپتار بولىدىكەن . مېتابولىزم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى كۆپ خىل مېتافولىك تەركىبلەرنىڭ غەيرىي توپلىنىشىدىن كېلىپ چىقىدىغان كېسەللىك ھالىتى بولۇپ ، قورساق سەمىرىپ كېتىش ۋە بەدەن ئېغىرلىقى ئېشىپ كېتىش ، يۇقىرى قان بېسىم ، قاندا شېكەر تەركىبىنىڭ ئۆرلەپ كېتىشى ۋە يۇقىرى سۈپەتلىك ياغ تەركىبى زىچ ئاقسىل تەركىبى زىيادە تۆۋەن بولۇش كېسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ .

   تەتقىقات دوكلاتىدا يەنە مۇنداق دېيىلدى : ئىنتايىن ئېغىر تۇرمۇش بېسىمىغا بەرداشلىق بېرىۋاتقان ۋە روھىي جەھەتتە مۇقىم ھالەتتە تۇرالمايۋاتقان ئاياللارنىڭ مېتابولىزم ئۇنىۋېرسال كېسەللىكىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى ئادەتتىكى ئاياللاردىن %20 يۇقىرى بولىدىكەن . يەنە دائىم ئاچچىقى كېلىپ تۇرۇش ، ئىچى سىقىلىش ، جىددىيلىشىش ۋە روھىي جەھەتتە چارچاشمۇ بۇ خىل كېسەللىكنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى تۈپ سەۋەبلەر بولالايدىكەن . تەتقىقات يەنە يۈرەك كېسەللىكى ، يۈرەك ۋە قان تومۇر كېسەللىكى ، دىيابېت كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش خەۋپىنى ئاشۇرۇۋېتىدىغان ئامىلمۇ ئوخشاشلا مېتابولىز ئۇنىۋېرسال كېسەللىكى ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن .

 

مەنبە:ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى