I كىنو – تېلېۋىزىيە ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە
كىنو-تېلېۋىزىيە ــــــــ دۇنيادا ئەڭ كېيىن پەيدا بولغان ۋە ئەڭ تېز تەرەققىي قىلغان ، ئەڭ تېز يېڭىلىنىپ بېرىۋاتقان ، شۇنداقلا خەلققە ئەڭ يېقىن سەنئەت شەكلىدۇر . كىنو – تېلېۋىزىيەنىڭ خەلققە ئەڭ يېقىن سەنئەت بولالىشىدىكى مۇھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى ، ئۇنىڭ « كۆرۈلىدىغان سەنئەت » ياكى « كۆرگىلى بولىدىغان سەنئەت » بولغانلىقىدىندۇر .
كىنو – تېلېۋىزىيە ئۆزىگە خاس سەنئەت ۋە ئىستېتېك قائىدە – پرىنسىپلارغا تايىنىپ ئادەمنى ھوزۇرلاندۇرىدىغان ، تەسىرلەندۈرىدىغان ۋە ئۇنىڭغا گۈزەللىك تەربىيىسى ئېلىپ بارىدىغان جانلىق شەكىلدۇر .
كىنو – تېلېۋىزىيە سەنئىتى ــــ بىر مىللەتنىڭ تۇرمۇشى ، مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ، مىللىي روھىيىتى ۋە ئەخلاقىي ئىستېتېكىلىق قىممەت قارىشىنى ئوبرازلىق سۈرەتلەش ئارقىلىق ، شۇ مىللەتنى باشقىلارغا ، دۇنياغا تونۇشتۇرىدىغان كۆزنەك . ئۇ پەقەت ئويۇن – كۈلكە ۋە كۆڭۈل ئېچىشنىڭ ۋاستىسى ئەمەس ، مۇھىمى ئاشۇ ئويۇن – كۈلكە ئىچىدە مەلۇم مەدەنىيەت ئېڭى – ئىددىيىسى ۋە ھېسياتى بىلەن ئوزۇقلاندۇرىدىغان ، ئويلاندۇرىدىغان سەنئەت تۈرى .
II يېڭى دەۋر ئۇيغۇر كىنو – تېلېۋىزىيەچىلىكىنىڭ قىسقىچە ئەھۋالى
ئۇيغۇرلارنىڭ كىنو – تېلېۋىزىيە سەنئىتىنى 1930-يىلى ئۈرۈمچى ، قەشقەر قاتارلىق جايلاردا ئاۋازسىز كىنو قىلىملىرىنىڭ قويۇلغىنىدىن باشلاپ ھېسابلىغاندا ، بۈگۈنگە قەدەر ئاز كەم 80 يىللىق مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى .
تارىخقا نەزەر تاشلايدىغان بولساق ، ئۇيغۇر ئەنئەنىۋىي مەدەنىيىتىدە مۇھەببەت ، نىكاھ ، ئائىلە ۋە كىشىلىك مۇناسىۋەتكە باغلىق بولغان رامكا – پرىنسىپلار بىر قەدەر كۆپ .
ئۇيغۇر كىنو تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ دەۋرىگە قاراپ باقساق ، 80 – يىللاردا « سىرلىق كارۋان» (1985) ، « مەلىكە ئاماننىساخان » ، « پۇل دېگەن نەرسە » (1985) ، « مەمەت ھەققىدە پاراڭ» (1988) قاتارلىق تارىخىي تېمىدىكى ۋە كومېدىيىلىك فىلىملەر بارلىققا كەلگەن بولسا ، 90- يىللاردا، « قىرلىق ئىستاكان » (1999) ، « بۇ چۈش ئەمەس » قاتارلىق رېئال تۇرمۇش ئەكىس ئەتتۈرۈلگەن فىلىملەر بارلىققا كەلگەن . بۇ يىللاردا ئىشلەنگەن فىلىملەر ئۇيغۇر كىنو – تېلېۋىزىيەچىلىكىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنكى ھاياتى بىلەن بىزنىڭ مەدەنىيەت پىسخىك دۇنيارىمىزنى بىر قەدەر چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان .
2000-يىللاردىن كېيىن ئىشلەنگەن يېڭى دەۋر ئۇيغۇر كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىگە قارايدىغان بولساق ، كىنو فىلىملىرى ئاساسىي جەھەتتىن يوق دىيەرلىك . تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى تراگىدىيەنى ئاساس قىلغان بولۇپ ، پەقەت ۋە پەقەت كىشىنىڭ روھىي – كەيپىياتىنى چۈشكۈنلەشتۈرىدىغان ، كىشىنى پىسخىك جەھەتتىن بېسىمغا دۇچار قىلىدىغان « كۆڭۈل »(2002)، « مۇزلىغان يۈرەك » (2003) ، « زەرداپ » (2005) ، « ھىجران گۈلى » (2006) ، شۇنىڭدەك « سۈت ساتقۇچى ئايال » غا ئوخشاش ئەنئەنىمىزدە يوق بولغان ، چەتنىڭ ئۇسلۇبىنى زورمۇزور ئېكرانغا چىقارغان ، قاملاشمىغان فىلىملەر مەيدانغان كەلدى .
كىنو – تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ ئۆزگىچە ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈشتىكى مۇھىم ئىپادىلەش ۋاستىلىرىنىڭ بىرى ـــ پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتىنى ئىپادىلەشتىن ئىبارەت . ئەگەر پىرسوناژلارنىڭ ئىچكى روھىي دۇنياسى ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئىپادىلەنمىسە ، تاماشىبىنلاردا ھېچقانداق تەسىر پەيدا قىلالمايدۇ . ئەكىسچە ، پېرسوناژلار ئوبرازى جانلىق ، روشەن ، ئۆزگىرىشچان ھەرىكەتكە ئىگە بولغاندا ، ئۇلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىكى ، ئىندىۋىدۇئال ( ئۆزگىچە خاسلىق ) خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ئالاھىدە گەۋدىلىنىپ ، تاماشىبىنلارنى قىزىقتۇرالايدۇ ھەم تەسىرلەندۈرەلەيدۇ . بىراق ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىگە ئەستايىدىل قارايدىغان بولساق ، تېما، مەزمۇن ، كۆرىنىش تاللاش ، رول ئېلىش ، سۈرەتكە ئېلىش ، دىئالوگ، مونولوگنى ئىپادىلەش، مۇنتاژلاش ، كىرىشتۈرۈش ، ئاۋاز بېرىش ، ئاۋاز ئېلىش قاتارلىق بىر پۈتۈن قۇرۇلما جەھەتتە، 80 - ، 90 – يىللاردىكى فىلىملەردىن زور دەرىجىدە تۆۋەن سەۋىيىدە تۇرىدىغانلىقىنى، چېچىلاڭغۇلۇق ، سۈنئىيلىك ، دوگمىچىلىق ، مەدھىيىۋازلىق ،ساختا ھېسيات ۋە پۈچەك ئىددىيە قاتارلىق ناچار خاھىشلارنىڭ بىر قەدەر گەۋدىلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ .
ئەلۋەتتە ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر كىنو – تېلېۋىزىيەچىلىكىدە، يەنە « ساراڭ » (2000) ،« خاسىيەتلىك ياڭيۇ » (2001) ، «كېچىكىپ ئېچىلغان گۈل » (2002) ، « قار كۆپ ياغقان قىش» ( 2002) ، « گۇمان » (2005) ، « قارىسىنى ئۇشتۇش چېيى » (2005) ، « تەڭرىتاغ جىددى ھەرىكەتتە » (2005) ،« تەكلىماكان » ( شياڭگاڭ بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن ، 2006) ، « مۇھەممەدنىڭ 2008-يىلى » (2008) قاتارلىق بىر تۈركۈم نادىر كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ئىشلىنىپ ، كەڭ كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشتى ھەم جەمئىيەتتە بەلگىلىك تەسىر قوزغىدى. بۇ فىلىملەر مەزمۇن ، تېما ، رول ئېلىش ، ئاۋاز ئېلىش ، ئاۋاز بېرىش، مۇنتاژلاش ، كىرىشتۈرۈش قاتارلىق ھەرقايسى جەھەتلەردە يۇقىرى سەۋىيىدە ئىشلەنگەن بولۇپ ، تېمىسى ھەرخىل ، مەزمۇنى چوڭقۇر ، ئەكىس ئەتتۈرۈش دائىرىسى بىر قەدەر كەڭرى بولغان كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىن ئىبارەتتۇر .
III يېڭى دەۋر ئۇيغۇر كىنو – تېلېۋىزىيەچىلىكىدە كۆرۈلىۋاتقان مەسىلىلەر
كىنو – تېلېۋىزىيە ـــ كۆرۈش سەزگۈسى ئارقىلىق ئوبراز يارىتىدىغان ئۇنۋېرسال سەنئەت . شۇنداق بولغانىكەن ، ئۇنىڭدا ئەدەبىيات – سەنئەت كاتوگورىيىسىگە تەۋە بولغان ھەرخىل ئىلمېنتلار بولغان بولىدۇ .
دەۋرنىڭ تەرەققىياتى ۋە مەدەنىيەت سەۋىيىسىنىڭ ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر كىنو – تېلېۋىزىيە سەنئىتىمۇ بارا-بارا ئاددىيلىقتىن مۇرەككەپلىككە ، تېيىزلىقتىن چوڭقۇرلۇققا قاراپ تەرەققىي قىلىشقا باشلىدى . شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا مۇۋەپپىقىيەت قازىنىش بىلەن تەڭ، يەنە نۇرغۇن جەھەتلەردە مەسىلىلەر ساقلىنىپ تۇرماقتا . كۆرۈلىۋاتقان بۇ مەسىلىلەرنى تۆۋەندىكى بىر قانچە نۇقتىدىن تەھلىل قىلىپ كۆرۈشكە بولىدۇ .
1. ئىقتىسادىي سېلىنمىنىڭ يېتەرلىك بولماسلىقى :جەمئىيەت تەرەققىي قىلىۋاتقان ھازىرقىدەك بىر جەمئىيەتتە ، ئىقتىساد ئىنتايىن مۇھىم ئورۇننى ۋە سالماقنى ئىگىلىمەكتە . نۆۋەتتە، ئۇيغۇر كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىشتا ئىقتىسادىي سېلىنمىنىڭ كەمچىل بولۇشى ۋە يېتەرلىك بولماسلىقى سەۋەبىدىن ، نۇرغۇن كىنو ۋە تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلەشتە ئوخشاشلا سىنئالغۇ ئاپپاراتى ئىشلىتىلىپ كەلمەكتە . ئۇنىڭ ئۈستىگە ، سىنئالغۇ ئاپپاراتىنىڭ ئىچكى ھەرىكىتى قوللىنىلىۋاتىدۇ . گەرچە سۈرەتكە ئېلىشتا فوكۇس ئۆزگەرتىش ئارقىلىق « تارتىش » ، « ئىتتىرىش » قاتارلىق كىنو – تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىىڭ سۈرەتكە ئېلىشتىكى ھەرخىل ئۈنۈملىرى يارىتىلغان بولسىمۇ ، كۆرۈنۈش ئۈنۈمى ئەسلىدىنلا سىنئالغا ئاپپارراتىنىڭ تاشقى ھەرىكىتى ئارقىلىق يارىتىلغان ئۈنۈمدىن پەرقلىق بولغانلىقتىن ، بىر پۈتۈن فىلىمنىڭ كۆرۈلۈشچانلىق ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ گەۋدىلىنىشى ، ئۈسكۈنىلەرنى تولۇق ئىشلىتىپ ( يەنى كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىشتا قوشۇمچە ئىشلىتىدىغان رېلىس ، ھەرىكەتچان كىران قاتارلىقلار ) سۈرەتكە ئالغانغا قارىغاندا خېلىلا ئاجىزلاشقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز . شۇڭا ، بۈگۈنكى كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىمى ئىجادىيىتى ئەمەلىيىتىدىكى ئىقتىسادىي شارائىتىمىزغا ئاساسلانغاندا ، بەزىلەرنىڭ « بىر نەچچە فىلىمنى ئىشلەشكە سەرپ قىلىنماقچى بولغان خىراجەتنى يىغىپ ، بىرلا فىلىم ئىشلەش » تەشەببۇسىنىڭ توغرا تەكلىپ ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىشىمىزغا ، دادىللىق بىلەن سىناق قىلىپ بېقىشىمىزغا توغرا كەلمەكتە .
2. سۈرەتكە ئېلىشتا ھەرخىل ئىپادە – شەكىللەرگە سەل قاراش: ئادەتتە ئادەملەرنىڭ چىراي ئىپادىسىنى، ھەتتا غىل – پاللا ئۆتۈپ كېتىدىغان چىراي ئۆزگىرىشىنىمۇ كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدا مۇنتاژ ئۇسۇلى، يېقىن، ئالاھىدە كۆرۈنۈشلەر ئارقىلىق ئېنىق ئىپادىلەش، پېرسوناژلارنىڭ شۇ ماكان، شۇ زاماندىكى روھىي دۇنياسىدىكى ئۆزگىرىشىنى ئېچىپ بېرىشنىڭ كەڭ ئىمكانىيىتىنى يارىتىدىغان مۇھىم ئامىل . گەرچە « ساراڭ »، « تەڭرىتاغ جىددىي ھەرىكەتتە »، « كېچىكىپ ئېچىلغان گۈل »، « مۇھەممەدنىڭ 2008-يىلى » قاتارلىق فىلىملەردە پىشقان ، كەسپىي ئارتىستلارنىڭ يۇقىرى بولغان ئاكتىيورلۇق ماھارىتى ئارقىلىق ئالاھىدە، يېقىن كۆرۈنۈشلەردە بۇ خىل قانۇنىيەتلەر ناھايىتى مۇۋەپپىقىيەتلىك چىققان بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن « فىلىم » لەردە رول ئېلىشقا قىزىقىدىغان « ئارتىست » لارنىڭ ئاكتىيورلۇققا بولغان كەسپىي چۈشەنچىسى كەمچىل بولغانلىقتىن، پېرسوناژ سۆزىنى ئالدىراپلا ئوقۇپ بېرىپ، ھودۇقۇش، جىددىيلىشىش، تەمتىرەشتىن باشقا پېرسوناژلارنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىدىغان ھېچقانداق چىراي ( مىمىكا ) ئىپادىسى ئۆزگىرىشىنى ئىپادىلەپ بېرەلمىگەنلىكتىن، بىر پۈتۈن ئەسەرنىڭ بەدىئىي زوقلىنىشتىكى ئېستېتىك ئۈنۈمىگە سەلبىي تەسىر كۆرسەتكەن . بۇنىڭدىن سىرت يەنە، قول ھەرىكىتىمۇ پېرسوناژنىڭ روھىي دۇنياسىنى ئېچىپ بېرىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر ئىپادىدۇر.
3. رول ئېلىش جەھەتتىكى ئاجىزلىقلار: كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدىكى مەنىۋىيىلىك ياكى ئىددىيىۋىيلىك پېرسوناژلارنىڭ خاراكتېر ئالاھىدىلىكى ۋە ئۆز-ئارا مۇناسىۋىتى ، زىددىيەت توقۇنۇشى ئارقىلىق ئىپادىلىنىدۇ. فىلىمدىكى پېرسوناژلار ئوبرازى بولسا ئارتېستلارنىڭ رول ئېلىشى ئارقىلىق يارىتىلىدۇ . مۇشۇ مەنىدىن ئېيىتقاندا، ئاكتىيور فىلىمدىكى مەنىۋىيلىك ياكى ئىددىيىۋىيلىكىنى گەۋدىلەندۈرگۈچى ھېسابلىنىدۇ. ئاكتىيور چىن قەلب ھېسياتى ئارقىلىق پېرسوناژ روھىيىتىنى روشەن ئىپادىلەپ بېرەلىگەندىلا تاماشىبىنلارنىڭ ھېسياتىغا، قەلبىگە تەسىر كۆرسىتەلەيدۇ. ئاكتىيورنىڭ پېرسوناژ ئوبرازىنى ئىپادىلەشتىكى ئاساسىي ۋاستىسى بولسا ھەرىكەتتىن ئىبارەت. ھەرىكەت ـــ ئاكتىيورلۇق سەنئىتىنىڭ يادروسى. ئادىل مىجىت، خالمۇرات ئۆمەر، ئەخمەتجان ئەختەم، ئابدۇكېرەم ئابلىز، ھوشۇر قارىي قاتارلىقلارنىڭ ھەرخىل خاراكتېرىدىكى پېرسوناژلار ئوبرازىنى مۇۋەپپىقىيەتلىك يارىتالىشىدىكى سەۋەب، ھەممىسى پېرسوناژلار پىسخىك پائالىيىتىنىڭ خاس ھەرىكىتىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق تاماشىبىنلاردا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرۇش مەقسىتىگە يېتەلىگەن.
4. سىنارىيە سۆزىگە ( دىئالوگلار ) ئەھمىيەت بەرمەسلىك: پېرسوناژلارنىڭ مۇرەككەپ ئىددىيىۋى ھېسياتىنى ئېچىپ بېرىشتە، يەنىلا دېئالوگنىڭ ياردىمىگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. پېرسوناژنىڭ قەلب چوڭقۇرلۇقىدىن تەبىئىي ئۇرغۇپ چىققان جانلىق، ھېسياتلىق، قىسقا دىئالوگلارنى بىز يەنىلا ئاڭلاشنى ياقتۇرىمىز. بىز بەزى كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە دەبدەبىلىك سۆزلەرنىڭ، ئۇزۇندىن-ئۇزۇن دېئالوگلارنىڭ، پېرسوناژلارنىڭ كەيپىياتى، ھەرىكىتى، مىمىكىسى ( چىراي ئىپادىسى ) بىلەن مۇناسىۋەتسىز ھالدا كەڭرى بازارغا سېلىنغانلىقىدىن زېرىكىش ھېس قىلىپ قالىمىز.
5. كەسپىي خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇشى: كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭغا نۇرغۇن ئىقتىسادىي سېلىنمىدىن باشقا، ھەرقايسى جەھەتلەردە يېتىشكەن، تەربىيلەنگەن، بىرتۈركۈم سىنارىسىت، ئوپېراتور، ئاكتىيور قاتارلىق كەسپىي خادىملارنىڭ بولىشىمۇ تەلەپ قىلىنىدۇ. يېڭى دەۋر ئۇيغۇر كىنو-تېلېۋىزىيەچىلىكىدە، كۆرۈلىۋاتقان كەسپىي خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇشى ياكى يوق بولۇشى تۆۋەندىكىدەك بىرقانچە تەرەپتە ئىپادىلىنىدۇ.
① مۇنتىزىم تەربىيلەنگەن سىنارىستلارنىڭ كەمچىل بولماسلىقى
سىنارىيە ـــ كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىمىنى ئىشلەشتە كەم بولسا بولمايدىغان ئەدەبىي ئەسەردۇر . ئۇ ئىشلەنمەكچى بولغان فىلىمنىڭ مەزمۇنىنى بەدىئىي تىل ۋاستىسى ئارقىلىق ئىپادىلىگەن بىر خىل مۇستەقىل ئەدەبىي ژانېر بولۇپ، كىتابخانلارنىڭ ئوقۇشىنى تەمىن ئېتىدۇ. لېكىن سىنارىيە ئاپتورلىرى (سىنارىست) سىنارىيەنى كىتابخانلارنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى مۇھىمى كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىش ئۈچۈن يازىدۇ. ئەلۋەتتە ، كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە ئەڭ ئالدى بىلەن سىنارىيەنىڭ بولۇشى تەلەلپ قىلىنىدۇ . سىنارىيىدە ھەربىر كۆرىنىش ، پېرسوناژلارنىڭ ھەرىكىتى ، سۆزى ( دىئالوگى ) ، خىيالى ( مونولۇگى ) بولغان بولىدۇ . 2000-يىللاردىن كېيىن ئىشلەنگەن بىر قىسىم كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىغا قارايدىغان بولساق، بۇ فىلىملەردە ئاساسەن دېگۈدەك تۈزۈك مەنە ئىپادىلەنمەيدىغان، ئاددىي سۆز-ھەرىكەت ۋە دېئالوگلار بار بولۇپ ، بۇنىىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشىقا بولىدۇكى، بۇ فىلىملەر ئىنتايىن ناچار بولغان بىرقىسىم سىنارىيەلەرنى ئاساس قىلغان ، بۇنى سىنارىيە دېگەندىن كۆرە « مەشىق ئەسىرى» دېگەن تۈزۈكرەك.
② كەسپىي تەربىيە كۆرگەن ئوپېراتورنىڭ بولماسلىقى
كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى سۈرەتكە ئېلىشتا كىنو ئاپپاراتى ياكى سىنئالغۇ ئاپپاراتى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، ئاپپارات ئوپېراتورنىڭ قولىدا تۇرۇپ، سىنارىيەنىڭ ئېھتىياجى ۋە كۆرۈنۈشلەرنىڭ تەلىپى بويىچە ھەرىكەت قىلىدۇ. ئۇيغۇر كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنىگە نەزەر تاشلىساق ، بىزدە بارماقتا تۇتۇپ سانىغۇدەك، كەسپىي تەربىيە كۆرگەن، مۇنتىزىم بىلىم ئالغان ئوپېراتورلاردىن بەختى ياقۇپ، ھامۇتجان رەھمىتۇللا، شىرزات ياقۇپ قاتارلىق بىر ئەۋلاد ئوپېراتورلار مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوپېراتورلۇق كەسپىگە بولغان مەسئۇلىيەتچانلىقى، سۈرەتكە ئېلىش تېخنىكىسىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەن سۈرەتكە ئېلىنىپ، ئۆزىنىڭ كەسىپتە پىشقانلىقىنى نامايەن قىلغان ھەمدە ئېكران يۈزىدە كەڭ تاماشىبىنلار بىلەن يۈز كۆرۈشكەن بىر قىسىم نادىر كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرى كەڭ ئاممىنىڭ قەلب تۆرىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ئىدى. بىراق، يېڭى دەۋر ئويغۇر كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى تېخىمۇ ئەستايىدىللىق بىلەن كۈزىتىدىغان بولساق، بۇ دەۋردە ئىشلەنگەن كۆپىنچە كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە، ئاپپاراتنىڭ تىترەپ كېتىشى، سۈرەتنىڭ ئېنىق بولماسلىقى، يورۇقلۇق دەرىجىسىنىڭ مۇۋاپىق بولماسلىقىدەك بىر قاتار مەسىلىلەرنىڭ ساقلانغانلىقىنى ئاسانلا كۆرۈپ يەتكىلى بولىدۇ.
③ كەسىپتە پىشقان ئىزباسار ئاكتىيورلارنىڭ كۆپلەپ يېتىشىپ چىقالماسلىقى
سىنارىيە ، ئوپېراتور ، رېژىسسور ۋە بىر تۈركۈم كەسپىي خادىملاردىن باشقا، يەنە فىلىمنىڭ مۇۋەپپىقىيەتلىك چىقىشى ئۈچۈن، ئەڭ مۇھىم ئامىل بولۇپ سانىلىدىغان، شۇنداقلا، كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە، ئەسەرنىڭ ئېھتىياجى بويىچە رول ئېلىپ، ئەسەر قەھرىمانىنىڭ ئوبرازىنى يارىتىدىغان كىشى، يەنى ئارتىسىت كەم بولسا بولمايدۇ. 80-، 90-يىللاردا ئىشلەنگەن « ساراڭ »، « قىرلىق ئىستاكان »، « ئالىمجان بولۇمسىزمۇ »، « بۇ كىشىنى تونۇمسىز »، « تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن » قاتارلىق فىلىملەردە رول ئالغان ۋارىس ئىسلام، خالمۇرات ئۆمەر، ئادىل مىجىت، تۇرغۇن ئىمىر، ئەخمەت ئەختەم، مەۋلان نىياز قاتارلىق ئاكتىيورلار ئۆزى رول ئېلىۋاتقان فىلىمگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئۆزى ئويناۋاتقان رولغا پۈتكۈل ھېسياتى بىلەن كىرەلىگەن، شۇ رولنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئوينىغان ھەم تاماشىبىنلار قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان.
لېكىن، ھازىرقى ئىشلىنىۋاتقان كىنو – فىلىملەردە رول ئېلىۋاتقان ئارتېستلار ئىچىدە ساناقلىقلا بىر قانچىسىنى ھېسابقا ئالمىغاندا ، يېڭىدىن پەيدا بولىۋاتقان « ھەۋەسكار ئاكتىيورلار » كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە « رول » ئېلىپ كەلمەكتە . بىراق، ئۇلار كەسپىي تەربىيە كۆرمىگەن، كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرىدە رول ئېلىش تەجرىبىسى ئىنتايىن كەمچىل بولغانلىقتىن، سىنارىيىدىكى دېئالوگنى چالا-بۇلا يادلاپ ، ئالدىراش-تېنەش سۆزلەپ، جىددىيلىك ئىچىدە « رول » ئالغاچقا، ھازىر ئۈن – سىن بازارلىرىدا ئېقىپ يۈرگەن كۆپلىگەن VCD،DVD فىلىملىرىنىڭ ئىنتايىن ناچار ۋە سۈپەتسىز چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.
قىسقىسى، مەيلى سىنارىست بولسۇن، مەيلى ئوپېراتور بولسۇن، ۋە ياكى رېژىسسور، ئاكتىيورلار بولسۇن، ئۇلار ئالدى بىلەن كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ھەققىدىكى كەسپىي بىلىملەرنى ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆگىنىشى، بۇ جەھەتتە جاپاغا چىداپ مەشىق قىلىشى ۋە كەسىپكە نىسبەتەن مەسئۇلىيەتچانلىقنى يېتىلدۈرىشى كېرەك .
IV يېڭى دەۋر كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرى مۇھتاج بولىۋاتقان تېمىلار
ئۇيغۇر كىنو – تېلېۋىزىيەچىلىكىنىڭ تارىخىغا نەزەر سالىدىغان بولساق، تارىخى تېمىدىكى « غېرىپ – سەنەم »(1980)، « سىرلىق كارۋان »(1985)،« ساھىبجامالنىڭ ئۆلۈمى »(1986)، رېئال تۇرمۇش تېمىسىدىكى فىلىملەردىن « رەنانىڭ تويى »(1982)، « ئارتىس بولمايدىغان قىز »(1983)، « نۇرنىسا »(1984)، «يالقۇنتاغدىن كەلگەن داپچى »(1991)، شۇنداقلا كومېدىيىلىك فىلىملەردىن « نەسىرددىن ئەپەندى »(1980)، « پۇل دېگەن نەرسە »(1985)، « بويتاقلار ئائىلىسى »(1988) قاتارلىق فىلىملەر بارلىققا كەلگەن. يېڭى دەۋر ئۇيغۇر كىنو- تېلېۋىزىيە فىلىملىرىگە نەزەر كۆزىمىزنى ئاغدۇرساق، بۇ فىلىملەرنىڭ ئاساسىي تېما مەزمۇنى مۇھەببەت، ئائىلە، نىكاھ قاتارلىق بىر نەچچە نۇقتىغىلا مەركەزلىشىپ قالغانلىقىنى، شۇنداقلا، تارىخىي ۋەقە ۋە شەخىسلەر تېمىسىدىكى فىلىملەرنىڭ، بالىلارنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى قازىدىغان، ئۇلارنىڭ كۆڭلىدىكىنى ھەقىقىي ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان بالىلار تېمىسىدىكى فىلىملەرنىڭ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنى ھەقىقي ئەكىس ئەتتۈرۈپ بېرىپ، ياشلارغا ۋە كېيىنكى ياش ئەۋلادلارغا ئۆرپ- ئادەت، مەدەنىيەت ۋە فولكلورى قاتارلىق بىلىملەرنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنى تەربىيلەيدىغان ئۆرپ- ئادەت تېمىسىدىكى فىلىملەرنىڭ تولىمۇ كەمچىل ۋە يوق دېيەرلىك ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. ئومومەن قىلىپ ئېيىتقاندا، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر كىنو تېلېۋىزىيە سەنئىتىنىڭ تەرەققىيات ئەھۋالىنى يېڭىچە بولغان بىخلىنىش، ئۆگىنىش ۋە تەرەققىي قىلىش باسقۇچىدا دەپ قاراشقا بولىدۇ. بۇ دەۋردە ئىشلەنگەن كىنو – تېلېۋىزىيە فىلىملىرى يۇقىرىدا سۆزلەپ ئۆتكەن بىر قاتار مۇۋەپپىقىيەتلەرگە ئىگە بولغاندىن سىرت، يەنە كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، بىر قىسىم مەسىلىلەردىنمۇ خالىي ئەمەس، ئەلۋەتتە . شۇڭا، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر كىنو – تېلىۋىزىيە سەنئىتى داۋاملىق تۈردە، ئىزچىل ھالدا ئىزدىنىشكە، ئۆگىنىشكە ۋە كەسپىيلىشىشكە، شۇنداقلا، كەڭ تېمىلارنى توختىماي قېزىپ چىقىرىپ، تاماشىبىنلار قەلبىنى لەرزىگە كەلتۈرەلەيدىغان نادىر فىلىملەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشقا مۇھتاج.
سىتاتا مەنبەلىرى :
[1] ئىقبال تۇرسۇن: « ئۇيغۇرلاردا كىنو – تېلېۋىزىيە مەدەنىيىتى »[M]، ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2005-يىل 8-ئاي نەشىرى.
[2] ئابلەت ئۆمەر باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن: « ئەدەبىيات نەزەرىيىسى ئاساسلىرى » (2-قىسىم) [M]، ئۈرۈمچى: شىنجاڭ ئۇنۋېرستېتى نەشىرىياتى، 2002-يىل3-ئاي نەشىرى
[3] ئەنۋەر رېھىم: « ئۇيغۇر تېلېۋىزىيە فىلىملىرى ھەققىدە ئويلىغانلىرىم »، «شىنجاڭ سەنئىتى »، 2007-يىل 4-سان .
[4] پىڭ جىشياڭ:« كىنو-تېلېۋىزىيە ئىستېتىكىسى»(خەنزۇچە) [M]، بېيجىڭ ئۇنۋېرستىتى نەشرىياتى، 2006-يىل 9-ئاي نەشىرى
[5] ۋاڭ شىنيۈ: «كىنو-تېلېۋىزىيە رېژىسسورلىقىدىن ئاساسلار» (خەنزۇچە) [M]، بېيجىڭ: جۇڭگو چۈەنمېي ئۇنۋېرستېتى نەشرىياتى، 2007-يىل 8-ئاي نەشىرى
[6] خۇڭ خۈيلىن، جوۋ شىڭ : «كىنو-تېلېۋىزىيە ئەدەبىياتى»(خەنزۇچە) [M] ، بېيجىڭ: ئالىي مائارىپ نەشرىياتى، 2004-يىل 2-ئاي نەشىرى
[7] ئىمىن ئەھمىدى، تۇرسۇنمۇھەممەد ساۋۇت باشچىلىقىدا تۈزۈلگەن: « سەنئەت نەزەرىيىسى ئاساسلىرى»[M]، ئۈرۈمچى: شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2007-يىل 9-ئاي نەشىرى.