ئاپتۇر : ئابلىكىم غوپۇر ئوتقاش
يۈرىمەن مەشرەپتەك قۇملۇق باغرىدا،
ئۆشنەمگە ئارتىلغان ۋىسالسىز تىلەك.
قاغجىراق پەسلىمگە سەلدەك ئاقمىساڭ،
سېنىڭسىز ياشىماق ماڭا نە كېرەك .
باغاشلاپ قۇملارنى كېتەي ئۈن-تىنسىز،
كۈمۈلسۇن تارىخقا نامسىز بىر يۈرەك .
ھەسرەتلىك ئاھلىرىم تۇرسۇن چېلىنىپ،
سودىگەر كارۋاننىڭ كولدۇرمىسىدەك .
2009-يىل 11-ئاي 17-كۈن (ئۈرۈمچى)