باش بەت كۈندىلىك خەۋەرلەر ئاۋازلىق ئەسەرلەر ئەدەبىي ئەسەرلەر تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى پىسخىكا سىناقلىرى تائام مەدىنيىتى ئاياللار دۇنياسى يېزا-ئىگىلىك ئۇچۇرى
ئەڭ كۆپ كۆرۈلگەن ئەسەر
ئەڭ يېڭى تەۋىتسىلىك ئەسەر
بۇ ئەسەردىن بەھرى ئېلىڭ
تۇغۇلسامكەن قايتا بىر نۆۋەت
ۋاقىت:2009يىل11ئاينىڭ19كۈنى   مەنبە:تور  كۆرۈلىشى:402قېتىم   تەھرىرلىگۈچى:تور

 

يىللارنىڭمۇ كۆزى قىزىرىپ ،

سۆيگىمىزگە ئەگكەن ئىدى باش .

مىڭ ئەپسۇنمۇ ھەسرەتلىك تىنىپ،

زۇرۇققانچە تۆككەنتىغۇ ياش .

 

ساھىللاردا قۇملار قۇچاقلاپ ،

ۋېساللارمۇ قۇچقانغۇ زەپەر .

زاۋال تاپقان يۈزلەرچە سىناق ،

ئەھدىمىزدىن بولغاچ بىخەۋەر .

 

ئاھ؛ بىمەھەل كەلدىغۇ ئەجەل ،

كۆز تەگدىمۇ ئامرىقىم ماڭا ؟.

كىتەرمەنمۇ كۆكنى قۇچاقلاپ ،

پاك سۆيگۈمنى قالدۇرۇپ ساڭا .

 

ھىدىڭ ئاستا سىپاپ ئۆتكەندە ،

نەم كىرپىگىم يۇمۇلدى ئەبەت .

دىدىم يەنە جانسىز پىچىرلاپ ،

تۇغۇلسامكەن قايتا بىر نۆۋەت .

 

(ئىزچى شىئېرلىرىدىن)

 
ئاچقۇچلۇق سۆز :تۇغۇلسامكەن
  • تۇغۇلسامكەن قايتا بىر نۆۋەت