2007 – يىللىق قۇربان ھېيت مۇناسىۋىتى بىلەن كەڭ ئابونتلارنىڭ ھېيت مەزگىلدىكى مەنىۋى تۇرمۇشىنى تېخىمۇ بېيتىش مەقسىتىدە شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى ، شىنجاڭ تېلېۋىزىيىسى 2– قانىلى ۋە ئۈرۈمچى غەربى يۇرت ئۇچۇر ئەلچىسى شىركىتى بىرلىكتە " قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى مۇنەۋۋەر ئارتىس ، مۇنەۋۋەر سەنئەت نومۇرلىرىغا بېلەت تاشلاپ باھالاش " ۋە مۇكاپاتلىق سۇئال– جاۋاپ پائالىيىتىنى يولغا قويدى . پائالىيەتكە قاتناشقان ئابونتلار كومپىيۇتېر ، رەقەملىك فوتو ئاپارات ، يان تېلېفۇن قاتارلىق كاتتا مۇكاتلارغا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ .
|
1. پائالىيەت ۋاقتى : |
 |
2007 – يىلى 12 – ئاينىڭ 14– كۈنىدىن 2008 – يىلى 1 – ئاينىڭ – 20 كۈنىگىچە .
|
2. پائالىيەتكە قاتنىشىش ئۇسۇلى : |
 |
1 – خىل ئۇسۇل
125901819غا تېلېفۇن قىلىپ ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق كۆرسەتمە ئارقىلىق پائالىيەتكە قاتناشسىڭىز بولىدۇ . ھەر مىنۇتلۇق ئۇچۇر ھەققى 1يۈەن ، ھەر مىنوتلۇق تېلېفونلىشىش ھەققى 0.1 يۈەن
2 – خىل ئۇسۇل
قىسقا ئۇچۇر ئەۋەتىش ئارقىلىق پائالىيەتكە قاتنىشىش ، بۇ خىل ئۇسۇلدا ئۆزىڭىز تاللىغان ئارتىس ياكى سەنئەت نومۇرىنىڭ ئىسمىنى قىسقا ئۇچۇر شەكىلىدە 106286864گە ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ . ھەر بىر تال قىسقا ئۇچۇر 1يۈەن .
|
3. پائالىيەت مەزمۇنى : |
 |
چولپانلارنىڭ ھېيتلىق تىلەك سۆزلىرىنى ئەۋەتىش :
داڭلىق چولپانلارنىڭ ھېيتىلىق تىلەك سۆزلىرىنى ئاڭلىغۇڭىز بارمۇ ؟ دوست – بۇرادەرلىرىڭىزگە چولپانلارنىڭ ھېتىلىق تىلەك سۆزىلىرى بىلەن بىرگەسەممى سالىمىڭىزنى يوللىغىڭىز بارمۇ؟ قېنى ئەمىسە بىرىنچى كونۇپكىنى بېسىپ چولپانلار تىلەك سۆزلىرى سەھىپىسىگە قەدەم تەشرىپ قىلىڭ .
ھېيتلىق تىلەك ناخشىلىرى :
بۇ سەھىپدە قۇربان ھېيتلىق يېقىملىق تىلەك ناخشىلىرىدىن ھوزۇرلىنىش بىلەن بىرگە دوست بۇرادەرلىرىڭىزگە ئۆزىڭىزنىڭ سەممىي تىلەكلىرىڭىزنى ئەۋەتەلەيسىز .
بېلەت تاشلاپ باھالاش سەھىپىسى :
سىز بۇ سەھىپە ئارقىلىق قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىدىكى مۇنەۋۋەر ئارتىس ۋە مۇنەۋۋەر سەنئەت نومۇرىغا بېلەت تاشلاپ باھالاش پائالىيىتىگە قاتنىشىش بىلەن بىرگە پائالىيەتتە تەسىس قىلىنغان كاتتا مۇكاپاتلاردىن بەھرىمان بولۇش پۇرسىتىگە ئېرىشەلەيسىز .
مۇكاپاتلىق ئۆتكەل بۆسۈش ئويۇنى :
قۇربان ھېيتنى تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن يولغان قويغان ئويۇن تۈرى بولۇپ بۇ تۈردە جەمىئىي ئۈچ ئۆتكەل بار، ھەر بىر ئۆتكەلگە قۇربان ھېيت ۋە مىللى ئۆرپ ئادەتلىرىمىزگە مۇناسىۋەتلىك بولغان 10سۇئال بار بولۇپ ھەر بىر ئۆتكەلگە ئوخشاش بولمىغان مۇكاپاتلار تەسىس قىلىنغان .
بيىت ، قوشاق مۇسابىقىسى :
ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ مىللى ئەنئەنسىگە ۋارىسلىق قىلىش ئاساسىدا بىيت قوشاق مۇسابىقىسىى سەھىپىسىنى يولغا قويدۇق ، سىز بۇسەھپىدە ئۆزىڭىزنىڭ ئىجادى بىيت قوشاقلىرىنى قالدۇرالايسىز ، ھەمدە باشقىلارنىڭ قالدۇرغان بىيىت قوشاقلىرىنى ئاڭلاش ، باشقىلارغا ئەۋەتىش ، بېلەت تاشلاپ باھالاش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە قاتنىشىش بىلەن بىرگە تەلەيلىك ئابونىت مۇكاپاتىغا ئېرىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايسىز .
بايراملىق خەت ساندۇقى :
بۇ سەھىپە ئارقىلى ئاۋازلىق سۆز قالدۇرۇپ بېلەت تاشلاش ، قۇربان ھېيتلىق سەنئەت كېچىلىكىگەبولغان تەكلىپ پىكىرلىرىڭىزنى قالدۇرۇش قاتارلىق مەشفۇلاتلارنى ئېلىپ بارالايسىز . |
|
4. تەسىس قىلىنغان مۇكاپات تۈرلىرى : |
 |
① تەلەيلىك ئابونت مۇكاپاتى :
پائالىيەت مەزگىلىدە 125901819 غا تىلىغۇن قىلىپ پائالىيەتكە قاتناشقان ۋاقتىنىڭ ئۇزۇن قىسقىلىقى ، ئەۋەتكەن قىسقا ئۇچۇر سانى، ناخشا تەلەپ قىلىش ۋە بىيىت قوشاق مۇسابىقىسىگە قاتنىشش ئەھۋالى قاتارلىقلارغا ئاساسەن 68 نەپەر تەلەيلىك ئابونتنى تاللاپ چىقىپ مۇكاپاتلايمىز . مۇكاپاتلاش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە :
| ئالاھىدە مۇكاپات |
بىر نەپەر ئائىلىدە ئىشلىتىدىغان كومپىيۇتېردىن بىر دانە |
 |
| بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپات |
ئىككى نەپەر، رەقەملىك فوتو ئاپارات بىر دانە . |
 |
| ئىككىنجى دەرىجىلىك مۇكاپات |
بەش نەپەر، يانغۇن بىردانە |
 |
| ئۈچىنجى دەرىجىلىك مۇكاپات |
ئون نەپەر، VCD بىر دانە . |
 |
| تەلەيلىك ئابونت مۇكاپاتى |
50 نەپەر ، 50 يۈەنلىك كۆچمە خەۋەرلىشىش يانغۇن قىممەت تولۇقلاش كارتىسى بىر دانە . |
 |
② مۇنەۋۋەر ئارتىس ۋە مۇنەۋۋەر سەنئەت نومۇر مۇكاپاتى :
ئابونتلارنىڭ بېلەت تاشلاپ باھالاش نەتىجىسىگە ئاساسەن تاللاپ چىقىلىدۇ .
مۇنەۋۋەر ئارتىس مۇكاپاتى :
| بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپات |
بىر نەپەر رەقەملىك فوتو ئاپاراتى بىر دانە . |
 |
| ئىككىنجى دەرىجىلىك مۇكاپات |
ئىككى نەپەر يانغۇن بىر دانە |
 |
| ئۈچىنجى دەرىجىلىك |
مۇكاپات؛ ئۈچ نەپەر ئالى دەرىجىلىك يۇڭ ئەدىيال |
|
مۇنەۋۋەر سەنئەت نومۇر مۇكاپاتى :
| بىرىنجى دەرىجىلىك مۇكاپات |
بىر نەپەر رەقەملىك فوتو ئاپپاراتى بىر دانە . |
 |
| ئىككىنجى دەرىجىلىك مۇكاپات |
ئىككى نەپەر ، چاڭ توزان سۈمۈرگۈچ بىر دانە . |
|
| ئۈچىنجى دەرىجىلىك مۇكاپات |
ئۈچ نەپەر ، ئىلىكتىر دولقۇنلۇق ئوچاق بىر دانە |
 |
| ئەڭ ياخشى تەشكىللەش مۇكاپاتى |
بىر نەپەر ، رەقەملىك فوتو ئاپپاراتى بىر دانە |
 |
③ ئۆتكەل بۆسۈش مۇكاپاتىغا تەسىس قىلىنغان مۇكاپاتلار :
| بىرىنجى ئۆتكەل |
50يۈەن قىممىتىدىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش يانغۇن قىممەت تولۇقلاش كارتىسى |
 |
| ئىككىنجى ئۆتكەل |
100 يۈەن قىممىتىدىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش يانغۇن قىممەت تولۇقلاش كارتىسى |
|
| ئۈچىنجى ئۆتكەل |
200 يۈەن قىممىتىدىكى كۆچمە خەۋەرلىشىش يانغۇن قىممەت تولۇقلاش كارتىسىى |
|
بۇ قېتىملىق پائالىيەت 1– ئاينىڭ 20– كۈنى ئاخىرلىشىدۇ ، سانلىق مەلۇماتلار بەش كۈن ئىچىدە سىتاتىستىكا قىلىنىپ مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئابونتلار تاللاپ چىقىلىدۇ ، 1– ئاينىڭ 25 – كۈنى 125901819 رەڭدار ئېكران پروگراممىسدا ئاۋازلىق ئۇچۇر شەكلىدە ئېلان قىلىنىش بىلەن بىرگە مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ئابونتلارغا تېلفۇن ئارقىلىق ئۇقتۇرۇش قىلىنىدۇ ھەمدە 10 كۈن ئىچىدە مۇكاپات بويۇملىرى تارقىتىلىدۇ .